10 يىل ئىچىدە 40 مىڭ كىشى خىتاي تۈرمىلىرىدىن ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن

يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئالىي سوتىنىڭ قانۇن تەتقىقات خادىمىنىڭ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە مۇخبىرىغا ئاشكارلىشىچە، 1996 - يىلىدىن 2006 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ھەم شەھەرلىرىدە قولغا ئېلىنغان جەمئىي 40 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئاقلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن.

2006 - يىلى جىنايەت گۇماندارى دەپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان جەمئىي 1713 كىشىگە قانۇن تارماقلىرى "گۇناھسىز" دەپ ھۆكۈم قىلىپ قويۇپ بەرگەن.

مەزكۇر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتايدا 1997 - يىلىدىن باشلاپ جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى جازاسىنى بېكىتىشتە سوت ئورۇنلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئېلان قىلىش، بىگۇناھلىقى ئىسپاتلانغانلارنى قويۇپ بېرىش پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل بىر جەريان بولماقتا ئىكەن.

خىتايدا سىياسەت قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇندا بولغاچقا، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئادىل بولماي كەلمەكتە بولۇپمۇ سىياسىي جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئىپادە قىلغان ئۇيغۇرلارنىمۇ بىگۇناھ تۈرمىلەرگە ئالماقتا. -1997يىلى -5 فېۋرال ئىلى ۋەقەسى جەريانىدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن بىگۇناھ قولغا، بىر قىسىملىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن سىرت كۆپىنچىسى ھازىرغىچە تۈرمىلەردە ياتماقتا. (گۈلچېھرە)