دۇنيادىكى يازغۇچىلار خىتاينى تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى
2007.12.10
خىتاي ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن يازغۇچىلار خىتاي رەھبەرلىرىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 40 كەسىپداشلىرىنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئوچۇق خەتتە قېزىلغان تۈرمىدىكى يازغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىدىن تۆت كىشى بار.
خىتاي رەھبەرلىرىگە يوللانغان خەتنىڭ باش تېمىسى "بىز سۆز- پىكىر ئەركىنلىكى ئۈچۈن تەييار" بولۇپ، مەزكۇر خەتنى خىتاي ۋە دۇنياغا داڭلىق يازغۇچىلاردىن، مارگېرىت ئاتۋۇد، فرانكىنې پروسە، سالمان رەشىدى، خىتاي يازغۇچى ليۇ شياۋبو، ۋە جېڭ يى قاتارلىقلار يازغان.
خەۋەر خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جىيا چۈنۋاڭ ۋە خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شاۋ ياڭ ئەپەندىلەرگە يوللاندى.
بۇ يىل ئاۋغۇستتا خىتاي ھۆكۈمىتى "بىز تەييار بولدۇق" دېگەن شوئار ئاستىدا ئولىمپىك تەشۋىقات ھەرىكىتىنى باشلىغان ھەمدە مۇشۇ مەزمۇندا "بىز تەييار بولدۇق " تېمىلىق ئولىمپىك ناخشىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، خىتاينىڭ "دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى" دە، خىتاينىڭ ھەقىقىي تەييار بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنى قويۇۋېتىشى تەلەپ قىلىنىپ: " بۈگۈن "دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 59 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز سىلەردىن، جۇڭگونىڭ پەقەت ئولىمپىك ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، پۈتۈن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە تەبرىكلەشكىمۇ تەييار بولۇشقا چاقىرىمىز" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا ئىلىنغان يازغۇچىلاردىن، توختى تۇنىياز ( مۇزات)، نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئابدۇلجان مەمتىمىن ۋە كۈرەش ھۆسەيىن قاتارلىقلار بار.
بوشۈن ئاخبارات تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر خەتنى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرسى بولغان خىتاي ئوبزورچى، دوكتۇر ليۇ شياۋبو، ئەگەر خىتاينىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى ئەخلاقى ئۆلچەملەرنىڭ پرىنسىپلىرى بۇيىچە كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىپ قىلمىغاندا، "بىر دۇنيا- بىر غايە" ۋە ياكى "بىز تەييار بولدۇق" دېگەن باياناتلىرىنىڭ قىممەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى گۇەنتانامو دىلوسىدىكى تالاش - تارتىشنى ئاڭلىدى
- خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتى دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇرغا 'چەتئەللىكلەرگە ياردەملەشتى' دەپ جازا ھۆكۈم قىلدى
- ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى - ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئەنگىلىيە يازغۇچىسى دورىس لىسسىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
- خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
- ھۆسەيىن جېلىل قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى
- نيۇيورك شەھىرىدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەتنىڭ تەقدىرىنى سۈرۈشتۈردى
- ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى
- يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى