خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يىغىنى ھارپىسىدا، شاڭخەيدىكى بىر ئۆكتىچى تۇتۇلدى


2004.09.13

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنىغا مەكتۇپ سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان شاڭخەيدىكى بىر دېموكراتىك پائالىيەتچىنى قولغا ئالغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش يولىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لى گوتاۋ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، يەتتە سائەت سوراق قىلىنغان. ساقچىلار كىيىن ئۇنى ئۆيىدە نەزەر بەند ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ مەكتۇپ سۇنۇشىنى چەكلىگەن ھەمدە ئۇنى سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر مەزگىلدە »خاتا سىياسى كۆز قاراشلار«نى تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ھازىر خىتايدىكى 160 تىن ئارتۇق دېموكراتىك پائالىيەتچى بىرلىكتە ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن لى گوتاۋنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم بىرەر چوڭ يىغىنلارنىڭ ھارپىسىدا سىياسى كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى باستۇرىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.