خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى ئەرز سۇنغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلدى
2005.02.24
خىتاي ساقچىلىرى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى مەركىزى كومپارتىيە مەكتىپىگە يىغىنغا كەلگەن خىتاي رەھبەرلىرىگە ئەرز ئېيتماقچى بولغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆيىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن بىر ئەرزدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، تەخمىنەن ئوندەك كىشى ئۆز دەردىنى ئېيتىش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنى مەركىزى كومپارتىيە مەكتىپىگە كىرىشكە تەمشەلگىنىدە، ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇپ كېتىپ، قىسقا ۋاقىتتىن كىيىن قويۇپ بەرگەن.
ئەرزدارلار چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى يەنە مەركىزى كومپارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالدىغا بارغىنىدا، ساقچىلار ئۇلارنى ماشىنىغا بېسىپ، ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا ئېلىپ كەتكەن.
خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىغا، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تەڭشەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، خىتايدا بىر پاراۋان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇنى تېلېۋىزوردىن ئاڭلىغان يۇقىرىقى ئەرزدارلار، ئۆز دەردىنى خىتاي رەھبەرلىرىگە تۆكىدىغان پۇرسەت يىتىپ كەلدى دەپ قاراپ، خىتاي مەركىزى كومپارتىيە مەكتىپىگە بېرىپ ئەرز سۇنۇشنى توغرا تاپقان. ئەمما ئۇلار دەردلىرىنى ئاڭلىتىدىغان بىرەرمۇ يوچۇق تاپالمىغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىلدى
- سىچۈئەندە ئىشچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتايدا نەچچە مىڭ ئىشچى نامايىش ئۆتكۈزدى
- خىتايدا نېپالغا قورال يۆتكىگەن كىشىلەر قولغا ئېلىندى
- خىتايدا دېھقانلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە
- خىتاي خەنيۈئەندىكى سۇ ئامبىرى ماجراسى مۇناسىۋىتى بىلەن 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈئەندە سۇ ئامبىرى ياساشقا قارشى چىققۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى