بېيجىڭ ساقچىلىرى ئامېرىكىلىق فوتو مۇخبىرىنى ئۇردى
2005.03.03
خىتاينىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلىشىنىڭ ھارپىسىدا، بېيجىڭدا ساقچىلارنىڭ ئامېرىكىلىق فوتو سۈرئەت مۇخبىرىنى ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق مۇخبىر مايكىل رەينالد چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن، بېيجىڭدىكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئەرز سۇنماقچى بولغان كىشىلەرنى سۈرئەتكە تارتماقچى بولغان. ئەمما، ئۇ ئاپاراتىنى ئەمدىلا چىقىرىشىغا، نەق مەيداندىكى پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئاپاراتىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئۇنى تېپىپ ئۇرۇپ كەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ساقچىلار ياۋرۇپا فوتو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئامېرىكىلىق مۇخبىرىنى ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن قويۇپ بەرگەن.
بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ ۋەقە ھەققىدە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىيۇجەنچاۋ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئىككى يىغىننىڭ ھارپىسى ۋە جەريانىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، بېيجىڭدا 650 مىڭدەك خادىمىنى كوچىلاردا چارلاشقا قويغان. خىتاي ساقچىلىرى يەنە بېيجىڭدا ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىمالى بار دەپ گۇمان قىلغان 440 دەك كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلق ۋەكىللىرى بېيجىڭگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى تۇتقۇن قىلغان
- خىتاي ساقچىلىرى ئىككى يىغىننىڭ ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى
- لو گەن، " دۈشمەن كۈچلەر" نى باستۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدىكى ئەرز سۇنغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەيىپلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى Google ئىنگىلىز تىلى خەۋەر تور بېتىنى پىچەتلىدى