بېيجىڭدا ساقچىلار جىم ئولتۇرۇۋالغان ئەرز - شىكايەتچىلەرنى قولغا ئالدى
2005.03.07
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن خىتاي سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان بىر چاغدا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ساقچىلار دۈشەنبە كۈنى تيەنئەنمىن مەيدانىدا جىم ئولتۇرۇۋالغان 20 نەپەر ئەزر- شىكايەتچىنى قولغا ئالغان. مەتبۇئاتلار قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ نەق مەيداندىكى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغانلار بېيجىڭغا ئەرز - شىكايەت ئۈچۈن كەلگەن دېھقانلار بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغاندا " بىز گۇناھسىز" دەپ ۋاقىرىغان. بىراق ساقچىلار ئەرز - شىكايەتچىلەرنى بولكىۋاي ماشىنىغا مەجبۇرى سېلىپ، ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ساقچىلار ئەتراپتىكى مۇخبىرلارنىڭ ۋەقەنى رەسىمگە تارتىشىنى شۇنداقلا ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بېرىشىنى چەكلىگەن.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەنە بىر كىشىنىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ بىرى " دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى" غا قارشى تۇرايلى دەپ توۋلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى شۇنداقلا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى باشلىنىشنىڭ ئالدىدا بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ شەھىرىگە كىرىپ چىقىدىغان شەخسلەر شۇنداقلا ماشىنا - ئاپتوموبىللارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل سىياسى بىرو ئەزاسى لۇگەن، ئىككى يىغىن جەريانىدا " دۈشمەن كۈچلەر" گە داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى" نىڭ قۇرۇلتايغا بەرگەن تەكلىپى، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش بولدى
- بېيجىڭ ساقچىلىرى ئامېرىكىلىق فوتو مۇخبىرىنى ئۇردى
- خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لايىھىسى"قىزىق تېمىغا ئايلاندى
- خەلق ۋەكىللىرى بېيجىڭگە كەلگەندە، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى خەلقنى تۇتقۇن قىلغان
- خىتاي ساقچىلىرى ئىككى يىغىننىڭ ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى