خىتاي بىر نەپەر ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى تۇتۇپ سوراق قىلغان


2005.04.13

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى بىر نەپەر ئامېرىكىلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى بېيجىڭدا تۇتۇپ سوراققا تارتقان. شۇنداقلا ئاخىرى ئۇنىڭغا، پاسپورتىنى ئېلىپ يۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن جەرىمانە قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئادام برىسكو ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن خىتايدىكى بىر ھۆكۈمەتسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقان ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار ئادام برىسكونى چارشەنبە كۈنى مەزكۇر ھۆكۈمەتسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشخانىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە ئۇنى خىتايدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغرىسىدا سوراققا تارتقان.

خىتاي ساقچىلىرى يەنە ئۇنىڭ پاسپورتىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئادام پاسپورتىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ساقچىلار شۇ زامان ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ پاسپورتىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرمىگەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ، 500 يۇئەن جەرىمانە قويغان.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بۇ ھۆكۈمەتسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىدا ئادام برىسكودىن سىرت يەنە ئىككى نەپەر چەتئەللىك ئىشلەيدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.