شاڭخەي دائىرىلىرى ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن 42 كىشىنى تۇتتى
2005.04.26
خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەيدە يېقىندا ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن كىشىلەردىن 42 نى تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ 16 سىنى " جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش" جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئالدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇتۇلغانلارنىڭ بىر قانچىسى شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدىكى فىلىمدە ئەنگە ئېلىنىپ، سالاھىيىتى ئېنىقلانغان. فىلىمدە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نامايىش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدىكى كونسۇلخانىسىغا بوتۇلكا ئاتقانلىقى ھەمدە بىر ياپون رېستۇرانىنىڭ ئەينىكىنى چاققانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ياپونىيىگە قارشى نامايىشلارنى ئەيىبلىمىگەن، پەقەت زوراۋانلىق ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش قىلمىشلىرىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتايدىكى ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى، ياپونىيە يېڭى تارىخ دەرسلىك كىتابىنى تەستىقلىغاندىن كىيىن يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيىنىڭ تارىخ دەرسلىكىدە ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى قىلمىشلىرى "گۈزەللەشتۈرۈلگەن" دەپ قارىغان ھەمدە دەسلەپتە بۇ نامايىشلارغا يول قويغان. بىراق ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەدبىر قوللىنىپ، ياپونىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە " 1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى" مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان خىتايدىكى بىر قانچە تور بەتلىرىنى تاقىغان. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە
- ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
- ئەرز سۇنغۇچىلار، داۋاملىق تۈردە بېيجىڭغا كەلمەكتە
- بېيجىڭدا ساقچىلار جىم ئولتۇرۇۋالغان ئەرز - شىكايەتچىلەرنى قولغا ئالدى