خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خېبېيدىكى يەتتە نەپەر كاتولىك دىنىي پوپىنى " قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش جىنايىتى" بىلەن تۇتتى.
ئامېرىكىدىكى بىر كاتولىك دىنىي تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نەچچە ئونلىغان جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى چارشەنبە كۈنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىجياجۇئاڭنىڭ ئەتراپىدىكى بىر كەنتكە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر يەر ئاستى چېركاۋىدا يىغىلىش قىلىۋاتقان يەتتە پوپنى تۇتۇپ كەتكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى، ئۇنىڭ ۋاتىكان ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ۋاتىكاننىڭ يېڭى پاپاسى بەنەدىكىت 16 بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى رىم پاپاسىنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن رىم پاپاسىغا چوقۇنىدىغان كاتولىك مۇرىتلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەيدۇ. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەر ئاستى چېركاۋىنىڭ ئەزاسى نەچچە مىليونغا يېتىدىكەن. (ئارزۇ)