سىنگاپوردا چىقىدىغان ئېنگلىزچە "بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى چىڭ چوڭ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەخپىي ساقچىلار چىڭ چوڭنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغۇرلىغان، دىگەن جىنايەت بىلەن 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى گۇاڭجۇۋدا قولغا ئالغان. ئۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى جاۋ زىياڭنىڭ ھايات چېغىدىكى ئاغىنىسى زوڭ فېڭمىڭنىڭ جاۋ زىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخپىي سۆھبەت خاتىرىسىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن. زوڭ فېڭمىڭ، جاۋ زىيتاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن دوستلىرىنىڭ بىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتى زوڭ فېڭمىڭنىڭ جاۋ زىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى نەشر قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغاندىن كېيىن، ئۇ مەزكۇر ئەسلىمىنى سىنگاپوردىكى " بوغاز ۋاقتى گېزىتى" دە ئېلان قىلماقچى بولغان. زوڭ فېڭمىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى تارىخقا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، " جاۋ زىياڭ تارىخىي بىر شەخس،" دەپ كۆرسەتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "بوغاز ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى قولغا چۈشۈرگەن جاۋ زىياڭ ھەققىدىكى ئەسلىمىنىڭ مەزمۇنى، زوڭ فېڭمىڭنىڭ نەزەربەنتتىكى جاۋ زىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاساس قىلغان. بۇ جاۋ زىياڭنىڭ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىگە دائىر قاراشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسسى كوڭچۈەن، چىڭ چوڭنىڭ پاكىتلار بىلەن قولغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما مەركىزى نيۇ - يوركتىكى "مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى"، خىتاينى يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەت، دەپ ئەيىپلىدى. (ئەركىن)