دىڭ جۇۋ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى تۇپراقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى


2005.07.10

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خېبېي ئۆلكىسى دىڭجۇۋ شەھىرى شېڭيۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاھالىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق دىلوسى، ئاممىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ياشلار گېزىتى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر دىلوغا چېتىشلىق شېڭيۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈچ نەپەر پارتىيە سېكرىتارى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت، دىڭجۇۋ شەھىرى پارتكومىنىڭ سابىق سېكرىتارى خې فېڭ، دىڭجۇۋ شەھىرى كەييۈئەن ناھىيىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى ياڭ جىڭكەيلەر قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ساقچىلار، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار يەنە، دىلوغا چېتىشلىق 248 نەپەر گۇمانداردىن 106 سىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق 21 ئادەمنى رەسمىي قولغا ئالغان.

11 - ئىيۇن كۈنى، شېڭيۇ ناھىيە ئاھالىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋىلىش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش - چېقىش ۋە ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەسى، خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىپلا قالماستىن، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاينىڭ ئىچكى مەتبۇئاتلىرىنىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەن ئىدى.

مەزكۈر ۋەقەدىن كېيىن، خېبېي ئۆلكىسى دىڭجۇۋ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرى شېڭيۇ ناھىيە ئاھالىلىرىدىن ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئاممىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارانىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقنىڭ بۇ خىل نارازىلىق تەلەپلىرىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.