خىتاي دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، بېيجىڭدا تازىلاش ئېلىپ بارماقتا
2005.09.29
باش شتابى ئامېرىكىدىكى "خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1 - ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، بېيجىڭدا كەڭ كۆلەمدە ئەرز سۇنغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بىر نەچچە كۈنى ئىلگىرى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنغىلى كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتۇپ، يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى- چۆرە ۋە ئاجىزلارمۇ بار ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ساقچىلار چارشەنبە كۈنى يەنە بېيجىڭ غەربىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئەرزدارلار كەنتىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ئەرزدارلارنى يۇرتلىرىغا مەجبۇرىي قايتۇرغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 1 - ئۆكتەبىردىن بۇرۇنقى "چوڭ تازىلاش" ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ساقچىلار مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە يەنە بېيجىڭدىكى ھەر قايسى مېھمانخانىلارنى تەكشۈرىدىكەن.
"خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايرام ھارپىسىدا ئەرزدارلارنى مەجبۇرىي قايتۇرغان بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەمما بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىن ياۋ فۇشىننى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، بىر ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن سوتلىدى
- دىڭ جۇۋ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى تۇپراقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى
- تيەنئەنمېندىكى ئەرزىيەتچىلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى