خىتاي ھۆكۈمىتى دۇڭجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى تەشكىللىگەن دەپ ئۈچ كىشىنى قولغا ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 19 - دىكابىر كۈنى گۋاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭجۇ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلىغان نامايىشنى قوزغىغان دەپ ئەيىبلەپ ئۈچ كىشىنى قولغان ئالدى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆتكەن ھەپتە، ھۆكۈمەتنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن دۇڭجۇ يېزا ئاھالىسى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن توقۇنۇشتا، ئۈچ نامايىشچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن يېزا خەلقى ئاز دېگەندە 9 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە 6 - دېكابىر كۈنىدىكى ۋەقەدە 30 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 1989 - يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇڭجۇ يېزىسى خەلقى، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئاھالىسىدىن ئۈچ كىشىنىڭ نامايىشنى تەشكىللىگەن دەپ تۇتۇپ كېتىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ دۇڭجۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان 20، 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. يېزا خەلقى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ 6 - دېكابىردىكى ۋەقە گە چېتىشلىق دەپ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، 6 - دېكابىر كۈنىدىكى ۋەقەدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، يېزا خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (قانات)