خىتايدا ئىككى يىغىن مەزگىلىدە 400 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى


2006.03.02

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 ‏- مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ساقچىلىرى 400 دىن ئارتۇق داۋاگەرنى قولغا ئالغان.

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بېيجىڭ ساقچىلىرى بىر قانچە كۈن، بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغا يېقىن جايدىكى مەشھۇر بولغان داۋاگەرلەر كەنتىدە تۇيۇقسىز ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بېيجىڭغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەلگەن 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلغان.

نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار بۇ كىشىلەرنى 7 ‏- 8 ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئېلىپ كەتكەن.

ھەر يىلى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن سىياسىي كېڭەش يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن داۋاگەرلەر قولغا ئېلىنىش ياكى ئۆزلىرى كەلگەن جايغا قايتۇرۇلۇشتەك بېسىملارغا دۇچ كېلىدۇ.

مەزكۈر داۋاگەرلەر ئاساسەن، تۇرالغۇ زېمىنلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىۋېلىشى ياكى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ ئاز پۇل بىلەن تارتىۋىلىشى شۇنىڭدەك ئىشسىزلىققا ئوخشاش خىتايدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھەقسىزلىكلەرگە چىدىماستىن ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۆز ئەرزىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن . ئەمما ئەدىلىيە خادىملىرى داۋاگەرلەرنىڭ دەردىنى ئاڭلىماسىتىنلا ، ئۇلارنى قاماپ قويۇش، ئۇرۇپ‏ - خورلاش ۋە كەلگەن جايلىرىغا يالاپ ئېلىپ كېتىشتەك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدە ، خىتاي ھۆكۈمىتى 440 داۋگەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئاز دېگەندە 100 كىشىنى قاتتىق ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.