خىتاي يەنە بىر ئۆكتىچى يازغۇچىنى قولغا ئالدى
2006.05.29
خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى چەتئەلدە چىقىدىغان تور بەتلەردە ماقالە ئېلان قىلغان ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شۈينى ئۇنىڭ بىر دوستىنىڭ ئۆيىدىن تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە ئارقىدىنلا ئۇنىڭ دوستىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىشنى سىرتقا يايماسلىقنى ئاگاھلاندۇرغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ليۇ شۈي ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن " 4- ئىيون" تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ھەمدە 15 ئايلىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇ كېيىن مۇخبىر ۋە تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئۆتىگەن ھەمدە ئۇ جەرياندا ھۆكۈمەتتىكى ناتوغرا ئىشلارنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۈرمىگە سولانغان.
ئۇ يەنە چەتئەلدە خىتايچە كۆرسىتىلىدىغان "بوشۈن" تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ يازغان ماقالىلىرى سەۋەبىدىن شېنجېن دائىرىلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ قالغان. لېكىن ساقچى دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى "نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاۋ يەننى قايتا سوتلايدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتايغا كىرىشىنى چەكلەشكە باشلىدى
- تور بەت باشقۇرغۇچىلىرى خىتاي ھۆكۈمەت بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە
- خىتاي، چىرىكلىكنى پاش قىلغان بىر مۇخبىرنى قولغا ئالدى
- خىتاي، نيۇ - يورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يەننى ئەيىبلەشتىن ۋاز كەچتى