مائاشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق بىلدۈرگەن گۇاڭدۇڭدىكى مەلۇم بىر زاۋۇت ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نەتىجىدە ساقچىلار 7 ئىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە توقۇنۇشتا بىر ئىشچى ئېغىر يارىلانغان.
نيۇ-يوركتىكى خىتاي ئەمگەكچىلەر كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۇەن شەھىرىدىكى بۇ ئويۇنچۇق ياساش زاۋۇتى خوڭكوڭدىكى مېرتون چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، مەزكۇر شىركەت رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ھەقىقەتەن بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھازىر بۇ ئەھۋال ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ ئويۇنچۇق ياساش زاۋۇتىدا 11000 ئىشچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىدىكى ماكدونالدس، ماتتېل ۋە دىسنېيغا ئوخشاش بىر قانچە چوڭ شىركەتلەرنى بۇ ئويۇنچۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەمما يۇقىرىدىكى شىركەتلەر تېخى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلدى.
خىتاي ئەمگەكچىلەر كۆزىتىش تەشكىلاتى، مەزكۇر زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ خېلىدىن بېرى، مائاشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە زاۋۇت شارائىتىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن زاۋۇت رەھبەرلىرىگە ئەرز سۇنغان ھەتتا نامايىشلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. ئەمما ھەممىلا قېتىمدا بۇ ئىشقا ساقچىلار ئارىلىشىپ، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى مائاشى تۆۋەن ۋە شارائىتى ناچار بولۇش ئەھۋالى ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشچىلارنى مەجبۇرىي ئارتۇق ئىشلىتىش مەسىلىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. (پەرىدە)