خىتاي يەنە ئىككى نەپەر ئۆكتىچىنى قولغا ئالدى
2006.10.19
يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئۆكتىچىسى " دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان " دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
چېڭ شۇچىڭ ۋە جاڭ جەنخۇڭ ئىسىملىك بۇ ئىككى كىشى ئۆتكەن ئاي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئېنتېرنېت تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ،گاۋ جىمونىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلغان .
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقنى تەرغىپ قىلغۇچى ئادۋوكات گاۋ جىمونىڭ تۈرمىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت، بۇ ئىككى نەپەر ماقالە يازغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنى " دۆلەت ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان"لىق دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى قولغا ئالغان. بىراق ئۇلارنىڭ قانچىلىك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.
خىتايدا، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ، ئەمما ئاشكارىلانمىغان مەھبۇسلار سانى ئىنتايىن كۆپ.
خىتاي كىشىلەرنىڭ مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇش قىلمىشى بىلەن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتتە كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن بايان قىلغان 3 كىشىنى قولغا ئالدى
- جۇڭگو ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى
- نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىشچىلار خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
- خىتاي ساقچىلىرى قارغۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېنغا تەھدىت سالغان
- گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يۈ فۇسەينىڭ داۋالىنىشىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى