يېڭى يىل كۈنى بېيجىڭدا، نەچچە يۈزلىگەن ئادەم قولغا ئېلىندى

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل كۈنى ئەتىگەندىلا، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا نەچچە يۈز ئادەم قولغا ئېلىنغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل كۈنى ئەتىگەندىلا، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا نەچچە يۈز ئادەم قولغا ئېلىنغان. رادىئومىزغا خەۋەر بەرگەن بېيجىڭدىكى جۇ فامىلىلىك بىر داۋاگەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياققا يۇرتلاردىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرزى قىلغۇچىلار شى جىنسەن ۋە تيەنئەنمىن ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان. لېكىن ئۇلار ئېلىپ بارماقچى بولغان نامايىش تېخى رەسمىي باشلانماي تۇرۇپلا، ساقچىلار ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، قولغا ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپلا ئەرز قىلغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايلارغا بېرىپ، نازارەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن. شۇنداقتىمۇ، ئەرز قىلغۇچىلار بېيجىڭلىق داۋاگەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شى جىنسەن ۋە تيەن ئەنمىن قاتارلىق بىر قانچە جايدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. لېكىن مەزكۇر نامايىش ئۆتكۈزۈش پىلانىدىن ئالدىن خەۋەردار بولغان ساقچىلار، نەق مەيدانلارغا بېرىپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك قولغائالغان ھەمدە ئۇلارنى "فالۇنگۇڭچىلار" دەپ قاتتىق سوراق قىلغان. قولغان ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى مەخسۇس ئەرز قىلغۇچىلارنى سولاپ قويىدىغان ماجىيا لۇ دېگەن يەرگە ئاپىرىپ قاماپ قويۇلغان. (مېھرىبان)