بېيجىڭدىكى دېموكرات ۋاڭ گوچى قايتا قولغا ئېلىندى


2007.02.11

بېيجىڭدىكى دېموكرات ۋاڭ گوچى شەنبە كۈنى، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. ۋاڭ گوچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى شەنبە كۈنى ئىستانسىمىزغا تېلېفۇن ئۇرۇپ، ۋاڭ گوچىنىڭ 2 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى بېيجىڭ خەيدىڭ رايونى، ۋەنشوشى ساقچىخانىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، تا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ گوچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئۇنىڭ تېزراق قويۇپ بېرىلىشىنى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋاڭ گوچى، 1992 ‏- يىلى " جوڭگۇ دېموكراتىيە ئەركىنلىك پارتىيىسى" نى قۇرغان ھەمدە 4 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىقىنى خاتىرلىگەنلىك سەۋەپلىرىدىن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. 1994 ‏- يىلى بېيجىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئۇنى "ئەكسىل ئىنقىلابىي تەشكىلات قۇرغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 11للىق قاماق جازاسى بەرگەن.

ۋاڭگۇچى 2003 ‏- يىلى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، دائىرىلەر تەرىپىدىن نازارات ئاستىغا ئېلىنىپ، پۈتۈن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنغان. ئۇنىڭ خىزمەت قىلىشى چەكلەنگەن ۋە ھەتتا نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىمۇ رەت قىلىنىپ، قارا نوپۇس ھالەتتە ياشىغان.

كۈزەتكۈچىلەر، بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر - بىرلەپ نازارەت ئاستىغا قە قايتا قولغا ئېلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.