خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ خېپىڭنىڭ يېقىندا مەتبۇئات ساھەسىگە ئېلان قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى خەلقئارالىق بىرلەشمە رازۋېتكا ئىدارىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ چېگرا سىرتىغا قاچقان 37 نەپەر خىتاينى تۇتۇپ كەلگەن.
ۋۇ خېپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا -1998 يىلىدىن باشلاپ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ھەمدە باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ چەتئەللەرگە قاچقان دۆلەت كادىرلىرىنىڭ سانى 300دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى خوڭكوڭ، تەيۋەن ھەمدە ماكاۋ قاتارلىق جايلارغا يوشۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
بۇ قېتىم تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ئاساسەن خوڭكوڭ ھەمدە ماكاۋدىن باشقا 11 دۆلەتتىن تۇتۇلغان بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن خىتاي ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرى ئىكەن.
خىتايدا پارتىيە ھەم ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بارغانچە زورىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى دۆلەت مەبلىغىنى چەتئەللەرگە ئېلىپ قېچىشى، خەلق مەنپەئەتىگە خىيانەتچىلىك قىلىشى بىلەن، خىتايدا خەلقنىڭ كومپارتىيە ھەمدە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاجىزلاشماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)