تيەنئەنمېن نامايىشىدا تۈرمىگە تاشلانغان لى ۋېيخۇڭ قويۇۋېتىلدى


2007.11.12

89- يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىيە نامايىشتا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان لى ۋېيخۇڭ 18 يىلىدىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، لىنىڭ دوستى يۈ جىجياڭنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، لى ۋېيخۇڭغا ئەسلىدە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا ئارتىلغان بىر نەچچە گۇناھلار يېنىكلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۈگۈن، 12- نويابىر دۈشەنبە كۈنى قويۇۋېتىلگەن.

يۈ جىجياڭمۇ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنىپ 12 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان بولۇپ،ئۇ 1989- يىلىدىكى نامايىش جەريانىدا تيەنئەنمېن دەرۋازىسىغا ئېسىلغان ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتىگە تۇخۇم ئاتقان 3 ياشنىڭ بىرسى ئىدى.

لى ۋېيخۇڭ ئەسلى خۇنەنلىك ئىشچى بولۇپ، 1989- يىلىدىكى نامايىشتا قولغا ئېلىنىپ، "لۈكچەكلىك قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 1989- يىلى ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1989- يىلى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە نامايىشىدا قولغا ئېلىنغانلاردىن 100دىن ئارتۇق ئادەم تېخىچە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا ئىكەن.

1989- يىلى 15- ئاپرېلدىن 4- ئىيۇنغىچە بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش، خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ زو كۆلەملىك ۋە ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېموكراتىيە نامايىشى بولۇپ، خىتاي مەزكۇر نامايىشىنى ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىپ قانلىق باستۇرغان ئىدى.

مەزكۇر نامايىشنى خىتايدىكى بىر قىسىم زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار باش بولۇپ تەشكىللىگەن بولۇپ، تەكشىلىگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلار ئىچىدە ئۇيغۇر يىگىتى ئۆركەشمۇ بار ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.