تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتى باستۇرۇلغانلىقىغا 18 يىل تولغان خاتىرە كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەزكۈر ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى تەلەپ ھەم كۈچلۈك بېسىمىغا يولۇقماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىلىرىدىن تام كەيسى تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 18 - يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى4 - ئىيون ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئەيىبلەش بىلەن تەڭ ،مەزكۈر ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشقا چاقىردى.
ئۇ 1 - ئىيون بەرگەن بۇ باياناتىدا " تيەنئەنمېن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئارىدىن 18 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ،دۇنيادا يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق ھەربىي قىسىم تانكا - برونىۋىكلىرى بىلەن قانچىلىك كىشىنى باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەم يارىلاندۇرغانلىقىدىن بىخەۋەر " دېدى. بۇ باياناتتا يەنە، تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەم قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ھازىرغا قەدەر تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ تولۇق بولمىغان سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان.
دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى رەئىسى نەنسى پېلۇسى بۇ ھەقتە قايتا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى 4 - ئىيون ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا قايتا چاقىردى.
ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئىقرار قىلىشى، ئۇنىڭ ئولىمپىك يىغىنى ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلىشىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلەش ھەمدە چاقىرىقلىرى خىتايدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى -5 ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە قارشى ئىنكاس قايتۇردى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈ ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىپ " جۇڭگودىكى بۇ بىر مەيدان سىياسىي بوران - چاپقۇندىن بۇرۇنلا يەكۈن چىقىرىلىپ بولغان ، ئامېرىكا بۇ ھەقتە جۇڭگونى ئەيىبلىشىنى توختىتىپ، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقوق مەسىلىلىرىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك" دېگەن.
ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا 4 - ئىيون تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ بېرىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ ھەتتا يۇقۇرقى ئامېرىكا - خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىلىرىنىڭ تەنقىد ھەم رەددىيەلىرى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرلار بېرىلمىدى. (گۈلچېھرە)
