خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
2007.08.10
كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1989 - يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىنغان بىر نامايىشنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەرگەن. بۇ يىل 40 ياشلاردىكى شى خاۋلياڭ، 1989 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە بېيجىڭ پۇقرالىرى بىلەن بىرگە چاڭئەن كوچىسىدا كېرەكسىز نەرسە - كېرەكلەرنى كۆيدۈرۈپ، تيەنئەنمىن مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى قىسىملىرىنى توسىماقچى بولغان ئىدى.
تيەنئەنمىن ۋەقەسى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ "ئەكسىلئىنقىلابى ئوت قويۇش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان.
شى خاۋلياڭنىڭ جازاسى كېيىنچە يېنىكلىتىلگەن بولۇپ، مەركىزى خوڭكوڭدىكى جۇڭگو دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، شى خاۋلياڭنىڭ سەيشەنبە كۈنى يەنى 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بېيجىڭ 2- نومۇرلۇق تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن سۈن لىخۇڭ، تۈرمىدىكى تيەنئەنمىن تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان 100 دەك كىشىنىڭ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تيەنئەنمىن ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى بېسىمغا ئۇچرىسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئاقلاش توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. شى خاۋلياڭنىڭ جازا مۇددىتى توشقانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ياكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىكى تۇتۇپ كەتكەنلىكتىن قويۇپ بەرگەنلىكى ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خۇ جىنتاۋ 1 - ئىيۇل كۈنى خوڭكوڭدا نامايىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بېيجىڭغا قايتىدىكەن
- سىچۈەن ئۆلكىسىدە مىڭدىن ئارتۇق ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە نامايىش قىلدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ساقچى ۋە ھۆكۈمەت خادىمىنى جازالىدى
- خىتاي دېھقانلار "پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى"گە قارشى يەنە نامايىش قىلدى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ئەمەلدارلارنى سوتلاش ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ھەقسىز مۇلازىمەتكە تەييار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش جەھەتتە خىتاي ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە قىستىدى
- خوڭكوڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە ماتەم بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى
- گۇاڭشىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى كەيپىيات يەنىلا جىددى