مەركىزى ئامېرىكىدىكى دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نويابىر ئېيىدا، تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن 18 يىلدىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان لى ۋېخۇڭنى قويۇپ بېرىدىكەن.
دىئالوگ فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، 1989- يېلى قولغا ئېلىنغان چاغدا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن لى، 11- نويابىر كۈنى قويۇپ بېرىلىدىكەن.
تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى جەريانىدا، خېنەن ئۆلكىسىدە بىر كارخانىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان لىي، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1989- يىلى ئاپرىل ئېيىدا قانلىق توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغان بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن دەپ، ئەيىبلەنگەن.
لى، 1989- يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. لېكىن 1992- يىلى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم ھۆكۈمى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھېلىمۇ تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان 100 نەپەر ئەتراپىدا سىياسىي پائالىيەتچى تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار ئىكەن. 17 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى قويۇپ بېرىلگەن سابىق مۇخبىر يۈ دۇڭيۈ تۈرمىدىكى قېيىن-قىستاقلار سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقاتقان.
يۈ دۇڭيۈ تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى جەريانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ تيەنئەنمىن راۋىقىغا ئېسىلغان رەسىمىگە سىيا چاچقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)