سەيشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر بېرىشىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جيەنچاۋ، سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار قارا تىزىملىكىنى ئىنكار قىلغان. ليۇ جيەنچاۋ سۆزىدە، " مۇخبىرلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش پىلانىمىز يوق، پەقەت سالاھىيەت تەكشۈرۈش ۋە تىزىمغا ئېلىشتىن ئىبارەت نورمال قانۇنىي خىزمەت تەرتىپىمىز بار" دەپ كۆرسەتكەن.
دۈشەنبە كۈنى، جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتىدە "خىتاينىڭ، ئولىمپىك جەريانىدا خىتايغا كىرىدىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى، بۇ ئارخىپ، چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن " مۇخبىرلار قارا تىزىملىكى" دەپ قارىلىپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.
خىتاينىڭ ئولىمپىك تەييارلىقىغا مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن لى جاڭجۈن بىلەن، سۇن ۋېيجيا، دەسلەپ، چەتئەللىك مۇخبىرلار ئارخىپى تۇرغۇزۇلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئارقىدىن، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى، خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدىكى خەۋەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، " بىز، چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ياردەمدە بولۇش ئۇچۇن پەقەت ئەقەللىي مەلۇمات جەدۋىلى" تەييارلىدۇق"، بۇ چەتئەللىك مۇخبىرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئولىمپىك جەريانىدا ساختا مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى چەكلەش؛ ئولىمپىك ئاخباراتچىلىرى ئۇچۇن، ئوچۇق، ئادىل ۋە پاكىزە بىر مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن " دەپ ئىزاھات بەرگەن.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىن مەيدانى ئىچى ۋە سىرتىدا 30 مىڭچە مۇخبىر ئاخبارات بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋە نەشىريات مىنىستىرلىقى بۇ مۇخبىرلارنىڭ ئارخىپلىرىنى تۇرغۇزۇپ بولغان. بۇ يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي دائىرىلىرى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپمۇ خىتاي ئىچىدە ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە ئېلان قىلغان ئىدى.
ھالبۇكى، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ئولىمپىكتىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ئەركىن ھالدا ئاخبارات ئىگىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەم شۇ ھەقتە بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماقتا. (گۈلچېھرە)