چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك


2007.12.28

خىتاي دۆلەت كابىنتى قارمىقىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى سەي ۋۇشىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 - ئايدىن باشلاپ يولغا قويغان ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچكە ئىگە بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ ۋەدىسىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى شۇنداقلا مۇھىمى ئۇنى ئۇزارتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا رىئايە قىلىشتۇر، دەپ ئەسكەرتتى.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا باشلىغان يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىدە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايونلارغا بېرىشىغا رۇخسەت بېرىش ۋە خالىغان ئادەمنى زىيارەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئىلى، تىبەت ياكى ئىچكىرىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن سەزگۈر رايونلارنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك مۇخبىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسى تىبەت بىلەن ئۇيغۇر ئىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ، بۇ رايونلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يەنىلا دائىرىلەرنىڭ تەستىقىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەزكۇر بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بېرى، 65 نەپەر چەتئەللىك مۇخبىرنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچرىغانلىقىنى، تاياق يىگەنلىكىنى، توسقۇنلۇققا ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنداقلا 26 - دېكابىر كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى خەۋەر قىلماقچى بولغان بىر نەپەر بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.