خىتاي دائىرىلىرى تور بېتىگە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى چاپلاشنى چەكلىدى
2008.01.04
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەخسىي تور پونكىتلىرىغا سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى چاپلاشنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىدە بولۇپمۇ شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تور پونكىتلىرىغا سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى چاپلاشنى چەكلىگەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ بەلگىلىمە ھۆكۈمەتنىڭ رادىئو - تېلېۋىزور قاناللىرىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى ئىنتېرنېتكە كېڭەيتىش يولىدىكى بىر قەدەم، دەپ قارىماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ بەلگىلىمە 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلەرنى ئىنتېرنېتكە چىقارماقچى بولغانلار پەقەت دۆلەت كونتروللۇقىدىكى تور پونكىتلىرىغىلا چاپلىيالايدىكەن. لېكىن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بۇ تور پونكىتلىرى مەسىلە بار، دەپ قارالغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرىغا قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە- كىنو باش ئىدارىسى ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك تور بەتلىرىگە ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى رايوندىكى ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان تور بەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى شەخسلەرنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى تور بەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يېڭى بەلگىلىمىنىڭ you tube سىنئالغۇ تور پونكىتىغا ئوخشاش چەتئەلدە تارقىتىلىدىغان، لېكىن خىتايدا كۆرگىلى بولىدىغان بەزى تور پونكىتلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2007 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك
- خوڭكوڭ دېموكراتلىرى خوڭكوڭنى دېموكراتىك ئىدارە قىلىشقا قىستىماقتا
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوقى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خىتايغا كىرگۈزۈلمىدى
- تەيۋەندە سىياسىي جىنايەتچىلەر تۈرمىسى كىشلىك ھوقۇق باغچىسىغا ئۆزگەرتىلدى