خىتايدا ھەر يىلى 30 دەك كىشى خاتا ھۆكۈمگە ئۇچرايدۇ
2006.11.20
خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جەنچۈننىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى ساقچىلارنىڭ قېيىن-قىستاق بىلەن ئىقرار قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە 30 دەك كىشى ئۈستىدىن خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىدىكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان، ساقچىلارنىڭ قېيىن -قىستاق بىلەن كىشىلەرگە ئىشلىمىگەن جىنايەتنى ئىقرار قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ يىل 7- ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىدە، كىشىلەرنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش ۋە ئاچ قويۇش قاتارلىق قېيىن -قىستاق ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەن ساقچىلارنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ توغرىدىكى بەلگىلىمىسىدە، ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنى ئۇرۇپ قىينىغان ساقچىلارنىڭ قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىغان.
مارت ئىيىدا يولغا قويۇلغان يەنە بىر بەلگىلىمىدە، ساقچى دائىرىلىرىدىن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە تەشكىللىك جىنايەت قاتارلىق دېلولار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن سوراقلارنى ئۈنئالغۇ ۋە سىنالغۇ لىنتىسىغا ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
2005- يىلى ئاپرىل ئېيىدا، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئوتتۇرا سوتى، قېيىن-قىستاق بىلەن ياكى مەجبۇرىي ئېلىنغان ئىقرار ۋە دەلىللەرنىڭ سوتتا ئىشلىتلىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا قارار چىقاردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۈسىگە قارىماستىن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- شېنجېن شەھىرىدە بەش نەپەر سوتچى قولغا ئېلىنغان
- خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالدى
- چىڭخەيدە قوراللىق لۈكچەكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھەققىدىكى ھۆكۈم قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولغان