خىتايدىكى بىر سودا تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بىلەي تاش تىپىدىكى 10 مىڭ توننا ئۇران زاپىسى بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خىتاي تەبئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي گېئولوگلار مەزكۇر ئۇران زاپىسىنى تېپىش ئۈچۈن ئىلى ۋادىسىدا 17 يىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. لېكىن خەۋەردە ئۇران زاپىسىنىڭ كونكرېت قايسى جايدا تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى، ئەمما مەزكۇر ئۇران قاتلىمىدىن 40 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئۇران، كۆمۈر ۋە ئالاقىدار مېنىراللارنى قېزىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر جايدا بايقالغان كۆمۈر زاپىسىنىڭ 4 مىليارد توننىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئىلى ۋادىسىنىڭ چاپچال ناھىيىسى تەۋەلىكىدە، توققۇزتارانىڭ چىپارتىۋىلغا يېزىسىغا قوشنا جايدا ئۇران كېنى قازغان بولۇپ، مەزكۇر كان تالدى دېگەن جايدىكى بىڭتۈەن 731 - پولكىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ كان 1980- يىللاردا ب د ت نىڭ بېسىمى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىك تۈپەيلى تاقىۋېتىلگەن. چۈنكى ئەينى چاغدا ب د ت نىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا غۇلجا شەھىرىنى خىتايدىكى ئەڭ بۇلغانغان شەھەر، دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا غۇلجىنىڭ رادىئاكتىۋ بۇلغىنىشىغا تالدىدىكى 731 - ئۇران كېنىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىدىكى يەرلىك ۋەكىللەر بۇ كاننى تاقاش تەكلىپى بەرگەن ئىدى. ئىلى ۋادىسىدا ئۇران زاپىسى تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر رايوننىڭ مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان زاتلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئىلى ۋادىسىدا يەنە ئۇران كېنى قېزىلسا، بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنى يەنە ۋەيران قىلىپلا قالماي، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. (ئەركىن)
