5 نەپەر سىچۇەنلىك دېھقان خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن دۇمبالاندى

ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، سىچۇەن ئۆلكىسىدە يېقىندا يۈز بەرگەن دېھقانلار نامايىشى مەزگىلىدە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەش نەپەر دېھقاننى ئۇرۇپ ئېغىر يارىلاندۇرغان.

ئىككى مىڭدىن ئوشۇق دېھقان ئۆتكەن ئايدا سىچۇەننىڭ زىگوڭ شەھىرىدە نامايىش باشلىغان بولۇپ، ئۇلار يېڭى شەھەر باشلىقىدىن ھۆكۈمەت 1993 - يىلى تارتىۋالغان يەرلەر ئۈچۈن دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 100 دەك دېھقان خەلق مەيدانى ئالدىغا بېرىپ، شۇئار ۋە لوزۇنكىلار بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. لېكىن نەچچە يۈزگە يېقىن خىتاي ساقچىلىرى بۇيرۇق بىلەن خەلق مەيدانىغا يېتىپ كېلىپ، دېھقانلارنىڭ نامايىش ماتىرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلغان. نەتىجىدە توقۇنۇشتا ساقچىلار قارشىلىق بىلدۈرگەن 20 دەك دېھقاننى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 5 ئىنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. ھەتتا ساقچىلار يەنە 80 دىن كۆپ دېھقاننى تۇتۇپ كەتكەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق يەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇلار ئىزچىل ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن. (پەرىدە)