خىتاي دىنىي ئېتىقادنى "ئىناق جەمئىيەت" ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقچى
2008.03.03
3- مارت دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى،كومپارتىيە سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جىيا چىڭلىن دىننى ئىناق جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جىيا چىڭلىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: " بىز دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىپ دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى يېتەكلەش ئارقىلىق بۇلارنى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىتىشىمىز كېرەك" دېدى.
1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كىيىن، ئاتېئىزمنى تەرغىب قىلىپ، دىنغا ئىشىنىشنى قاتتىق چەكلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رويتېرستا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا بۇددىزم، تەرىقەتچىلىك، خرىستىئان دىنلىرىغا ئىشەنگۈچىلەر مۇئەييەن دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى " ئىناق جەمئىيەت" بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بۇ دىندارلار گۇرۇپپىلىرىغىمۇ تايىنىشقا مەجبۇرلىغان.
ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى دىنىي ئېتىقادتىن " ئىناق جەمئىيەت " بەرپا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.
بۇ ھەقتە ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ ياكى ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىتىشى ۋە ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.(جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دائىرىلەر ئىنجىل كۇرسىدىكى خرىستيان بالىلارنى تۇتقۇن قىلدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدى
- ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىدارە، جەمئىيەتلەرگە خىزمەتچى ئالغاندا دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارنى تاللاش تەلەپ قىلىنغان
- ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى ئامېرىكا شىركىتى ئۈستىدىن تاقاش بۇيرۇقى چىقىرىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدا ئۈچ نەپەر خرىستئان مۇرىتى قولغا ئېلىندى
- خىتاي دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كومپارتىيە سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا بۇ يىل يەنە 420 دىنىي زاتنى "ۋەتەنپەرۋەر " قىلىپ تەربىيىلىمەكچى
- ئاقسۇدا دىنىي زاتلار سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىماقتا
- خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ھەم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- خىتايدا خرىستيان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرى 20 مىليونغا يەتتى









