لوپنۇر رايونىدا 70 مىليون توننىلىق كالى زاپىسى بايقالدى
2008.03.03
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي 9 يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يەرئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە 800 خىل مىنېرال ماددىلار زاپىسىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك مىنېرال بايلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان.
ستىلگرۇئۇ خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جەرياندا خىتاي 60 ئورۇندا چوڭ ۋە ئوتتۇرا كۆلەمدىكى مەندەن كانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدىن يېڭىدىن بايقالغان 70 مىليون توننىلىق كالى زاپىسى ئەڭ زور كۆلەمدىكى مىنېرال ماددىلار زاپىسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ كالى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىدىكى ھەل قىلغۇچ بازىغا ئايلىنىپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا 350 مىليون توننا ئەتراپىدا كالى زاپىسى بايقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان كالى زاپىسى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا بايقالغان كالى زاپىسىنى 5 دەن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدۇ.
بۇ نۆۋەت بايقالغان بايلىقلار ئىچىدە تىبەتتىن 10 مىليون توننا مىس زاپىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ تىبەتنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مىس كانى بەلۋېغىغا ئايلاندۇرغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى يەر ئاستى - يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلىش بىلەن بىرگە، مۇھىتنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى ھەمدە يەرلىك ئاھالىگە قىلچىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمىگەنلىكىنى شىكايەت قىلماقتا. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى تاماملانماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 3 مىليارد 820 مىليون توننىغا يەتتى
- غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 2- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە زور كۆلەملىك ئۇران كانى بايقالدى
- خىتاي ئالاتاۋ ئېغىزىدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنىڭ چىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بازىسى قۇرماقتا
- خىتايدا ، كۈنىگە 13 ئادەم كۆمۈر كان ھادىسىسىدە ئۆلىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقىنى كەڭ - كۆلەملىك ئېچىش پىلانى مۇھىت ئەھلىنى ساراسىمغا سالماقتا
- تارىم نېفىتلىكىدە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئالدىنقى يىلدىكىدىن 40 پىرسەنت ئاشقان
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت ئېلىشنى كۆپەيتمەكتە
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى









