ۋاڭ لىشوڭ خىتاي ئالىي مەكتىپىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان رايىنى سىناش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلدى


2008.01.06

يېقىندا خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خوڭكوڭ باپتىسىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار ئارىسىدا بىر رايىنى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر رايىنى سىناشتا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت كىملىك چۈشەنچىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرنىڭ "شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى" ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى خۇلاسىلانغان.

ئەمما، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى، يېقىندا "سېنىڭ شەرقىي تۈركىستانىڭ مېنىڭ غەربىي دىيارىم" ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى مەزكۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭدا يالغانچىلىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، " شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟" دېگەن سوئالغا %79.5 ئۇيغۇرنىڭ "ياخشى" دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە %16.3 ئۇيغۇرنىڭ ياخشى دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەنە، مەزكۇر رايىنى سىناش پائالىيىتىدە چىقىرىلغان %85 ئۇيغۇرنىڭ "شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسىمى" دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى نەتىجىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئاران %9.3 ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ۋاڭ لىشوڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايىنى سىناشتا "ئۆزىنىڭ بىر جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان" ئۇيغۇرلارنىڭ %87.1 ئىكەنلىكى ھەققىدە چىقىرىلغان خۇلاسىنىمۇ ئوخشاشلا ئىنكار قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكى، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشىدە پەقەت %17.5 ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق ھېسابلىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەر قانداق رايىنى سىناشتا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ راست سۆزىنى ۋە كۆڭلىدىكى ھەقىقىي مەيدانىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ، شۇ سەۋەبتىن رەسمىي شەكىلدە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ رايىنى سىناشنىڭ ھەقىقىي بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.