گەرچە ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم شەھەرلەردە ۋاقىتلىق ئولتۇراق تۈزۈمى يوق قىلىنغان بولسىمۇ، بېيجىڭ قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ شەھەرلەردە بۇ خىل تۈزۈم يەنىلا بىكار قىلىنمىغان. بولۇپمۇ بېيجىڭ شەھىرىدە، ھەر يىلى بايرام مەزگىللىرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق كىنىشكىسى يوق بولغانلار داۋاملىق ساقچىلار تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرىۋېتىلىدۇ. مەسىلەن ياققا يۇتلاردىن بېيجىڭغا بېرىپ يۇقىرىلاپ ئەرز قىلغۇچىلار داۋاملىق بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە.
يېقىندا، خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى 10 نەپەر ئادۋوكات خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا مەخسۇس خەت يېزىپ، بۇ خىل ۋاقىتلىق ئولتۇراق تۈزۈمىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
10 نەپەر ئادۇكاتنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا يازغان خېتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋاقىتلىق ئولتۇراق تۈزۈمىنى يۈرگۈزۈش خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە زور دەخلى يەتكۈزگەنلىك ئىكەن. بۇ خىل تۈزۈم تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كەمسىتىش مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم شەھەرلەردە تا ھازىرغا قەدەر ۋاقىتلىق ئولتۇراق تۈزۈمىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى خىتاي مەمۇرى ئىجازەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقلا بولۇپ قالماي، گراجدانلىق ھوقۇققىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىق. بۇ خىل تۈزۈم تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان پاجىئەلىك ۋەقەلەر يۈز بەرمەكتە. شۇنداقلا بۇ خىل تۈزۈم ھازىر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پۇل تېپىش قۇرالىغا ئايلانغان" دەپ بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)