فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ كېلەر ئايدا ياۋروپا بىلەن رۇسىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى كېچىكتۈرۈلگەن.
ۋېن جياباۋ، 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيە، رۇسىيە، چىخ، سلوۋىنىيە ۋە پورتىگالىيىلەرنى زىيارەت قىلماقچى ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن. بېيجىڭ دائىرىلىرى زىيارەتنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبىنى ۋېن جياباۋنىڭ "باشقا مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى چىقىپ قالدى" دەپ چۈشەندۈرمەكتە.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىلغا ئالغان "باشقا مۇھىم دۆلەت ئىشلىرى" نىڭ نېمىدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىككى خىل ئىھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىرى، كېلەر ئايدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ مۇھىم بىر يىغىنى چاقىرىلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، خىتاي بۇ يىل 10 - ئايدا 2 - قېتىم ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. (ئەركىن)