خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئەمەلدارلارنى "ئىجتىمائىي ئادالەت" كە چاقىردى


2006.01.27

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ جۈمە كۈنى چاغان بايرىمى مۇناسۋىتى بىلەن سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى " ئىجتىمائىي ئادالەت" كە دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. بۇ ۋېن جيباۋنىڭ يېقىندىن بېرى ئىجتىمائىي ئادالەت توغرىسىدا قىلغان بىر قاتار چاقىرىقلىرىنىڭ بىر قىسىمى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر زېمىن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋېن جياباۋنىڭ چاغان بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە ھۆكۈمەت" خەلقنىڭ جاپا - مۇشەقەتلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ " دەپ سۆزلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، تىببىي داۋالاش ۋە مۇھىت قاتارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقى كۈچلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قەدىمىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋېن جياباۋ، "ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى" ساقلاشقا ۋەدە بەردى.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەنئەنىۋى چاغان بايرىمى شەنبە كۈنى كەچتە باشلىنىدۇ. ۋېن جايباۋنىڭ چاغان بايرىمى نۇتۇقىدىن بىر كۈن ئىلگىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ يېزا تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدىكى چاغانلىق تەبرىك سۆزىنى ئېلان قىلغان.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدا چاقىرىلىدىغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى خىتاينىڭ يېڭى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغاندا يېزا -كەنت تەرەققىياتىغا مەبلەغ ئاجرىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشى مۈمكىن. ۋېن جياباۋ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا قىلغان سۆزىدە يېزا - كەنتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى، دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكىدا ۋاپات بولغان خىتاي يازغۇچىسى ليۇ بىڭيەن، دىھقانلارنى "جۇڭگونىڭ مۇستەملىكىسى " دەپ ئاتىغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.