ئافرىقىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مىسىرغا كېلىپ، مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
بۇنىڭ ئالدىدا ۋېن جياباۋ قاھىرەدە مىسىر باش مىنىستىرى مۇھەممەد نازىف بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز، ساياھەت ۋە ئۇچۇر-ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىن بولۇپ 10 تۈلۈك سودا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ماقۇللىدى. شۇنداقلا ۋېن جياباۋ مىسىرغا يەنە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بېرىپ تۇرۇشقا ماقۇل بولغان. خىتاي بىلەن مىسىرنىڭ ئۆتكەن يىللىق سودا سوممىسى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
ۋېن جياباۋ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە يەنە گانگو، جەنۇبىي ئافرىقا، گانا، تانزانىيە قاتارلىق ئافرىقىدىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلماقچى. سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئەمما ۋېن جياباۋ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى.
خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئافرىقىغا قاراتقان زىيارىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن تېخى ئىككى ئاي ئىلگىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەتكەن ئىدى. (پەرىدە)