خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئافرىقىدىكى زىيارىتىدە چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىغا كېلىپ، دۆلەت پرېزىدېنتى تابو مېكى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش توغرسىدا سۆھبەتلەشتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا، باشقا سىياسىي رەھبەرلەر ۋە سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر قاتار سودا كېلىشىملىرىنى تۈزىدىكەن. جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى خىتاينىڭ بۇ يەردىكى ئاچارچىلىق ۋە چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى ھەل قىلىشتا پايدىلىق رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋېن جياباۋ بۇ قېتىملىق ئافرىقىدىكى 7 دۆلەت زىيارىتىدە، مىسىر، گانا، كانگو قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ بولغان ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كېيىن تانزانىيە ۋە ئۇگانداغا بارىدىكەن. ۋېن مىسىرغا 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بەردى ھەمدە گانادا 66 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەنكى 10-20 يىلنى ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن سودا ئالاقە ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا سەرپ قىلدى. شۇنداقلا دۆلەت رەھبەرلىرىنى داۋاملىق ئافرىقىغا زىيارەتكە ئەۋەتتى. (پەرىدە)