خېنەندىكى بىر كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 62 ئادەم ئۆلدى
2004.10.21
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى شىنمى شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا چارشەنبە كۈنى كەچتە شىددەتلىك گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 62 ئادەم ئۆلدى، يەنە 80 دىن ئارتۇق كان ئىشچىسىنىڭ ئىز- دېرىكى تېپىلمىدى.
رادىيومىز خىتاي بۆلىمىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كان جېنمېي كۆمۈر كان گوروھىغا تەۋە داپىڭ كۆمۈر كېنى ئىكەن. كان قۇدۇقى ئاستىدىكى گاز زىچلىقىنىڭ ئىشىپ كېتىشىگە ھاۋا ئۆتۈشۈش سېستىمىسىنىڭ توغرا باشقۇرۇلمىغانلىقى سەۋەب بولسا، پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب توك سايمانلىرىنىڭ كونىرىشىدىن چاقماق چىقىپ كەتكەن بولىشى مومكىن ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 446 ئادەم مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلاردىن 298 ئى قېچىپ چىقالىغان. ھازىرغىچە 62 ئىشچىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. قالغان 86 ئادەمنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى مەلۇم ئەمەس. كان دائىرىلىرى ئىز دېرىكى بولمىغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئىھتىماللىقىنىڭ ئاساسەن يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، قازاغا يولۇققان ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياللانما دېھقانلار بولۇپ، كان دائىرىلىرى ۋەقەگە يولۇققان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھازىرغىچە ئىز دېرىكى تېپىلمىغان كان ئىشچىسى جۇۋخۈييۈنىڭ ئايالى، كان دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇ قېتىمقى ۋەقە، خىتايدا يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)