خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى داپىڭ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دىگەندە 66 گە يەتتى. كان ئاستىدىكى 82 ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى تېپىلمىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن داپىڭ كۆمۈر كېنى خېنەننىڭ شىنمىن شەھىرىدە بولۇپ، مەزكۇر كان خىتاينىڭ جىنمېي گۇرۇھىغا قاراشلىق كۆمۈر كانلارنىڭ بىرى ئىدى. ۋەقە چارشەنبە كۈنى سائەت 22:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. پارتىلاشنىڭ كان ئاستىكى كۆمۈر گازىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېئىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 446 ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.
ۋەقەدىن كېيىن 148 ئىشچى كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان. كان ئاستىدا قالغان ئىشچىلارنىڭ 66 نەپىرى ئۆلگەن. 82 نەپەر ئىشچىنىڭ ئۆلۈك - تىرىكلىكى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كان ئاستىدىكىلەرنىڭ ھايات قېلىش ئىھتىماللىقى ئاز، دەپ قارىماقتا.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جىنجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى نەق مەيداننى قامال قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ كان رايونىغا كىرىشىنى چەكلىگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھادىسىگە ئۇچرىغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئادەمنى سەپەرۋەر قىلدى. بۇ ۋەقە مۇشۇ بىر يىل ئىچىدىكى خىتايدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر كۈمۈر كان پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. (ئەركىن)