داپىڭ كۆمۈر كېنىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 82 گە يەتتى


2004.10.24

خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسى داپىڭ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 82 گە يەتتى. 66 ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى ئېلىنالمىدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇدۇق ئاستىدا يىغىلىپ قالغان كۆمۈر گازى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە توسالغۇ ياراتماقتا. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كان قۇدۇقىدىكى شامال ئۆتكۈزگۈچ سېستىمىسى ئارقىلىق قۇدۇق ئاستىدىكى كۆمۈر گازىنى چىقىرىۋېتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كان ئاستىدىكى پارتلاش قۇدۇق يولىنى، توك سىملىرىنى ۋە ترانسپورت قوراللىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ قۇدۇق ئاستىغا چۈشىشى مۈمكىن بولمىغان. داپىڭ كۆمۈر كېنىدىكى پارتلاش ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە 446 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

ۋەقەدە ئىشچىلارنىڭ 298 نەپىرى قېچىپ چىققان، قالغان 148 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا قالغان.. قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر قانچە كۈندىن بېرى جەسەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنى كان ئاستىدىن ئېلىپ چىققان. خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ، كان ئاستىدىكى ئىشچىلارنى دەرھال قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بىراق يەرلىك دائىرىلەر، كان ئاستىدىكى ئىشچىلارنىڭ ھازىرغىچە تىرىك قېلىش ئىھتىماللىقى چوڭ ئەمەس دەپ قارىماقتا. خىتاي دۆلەت كابىنتى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈئىشكە مەخسۇس بىر گۇرۇپپا تەشكىللىگەن. داپىڭ كۆمۈر كېنىدىكى ۋەقە خىتايدا بۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ كۆمۈر كان ۋەقەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.