داپىڭ كۆمۈركانىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ئادەم سانى 122 دىن ئاشتى
2004.10.26
ئۆتكەن ھەپتە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ داپىڭ كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 122 دىن ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە 26 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى يوق ئىكەن، نۆۋەتتە كان ئاستىدا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
خېنەن ئۆلكىسى شىنمى شەھىرىنىڭ يېنىدىكى داپىڭ كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بەرگەندە كان ئاستىدىكى 400 گە يېقىن كان ئىشچىسىنىڭ كۆپىنچىسى قۇتۇلدۇرۋىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ كۆمۈر كانلىرىدا ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ سانى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن .
ئۆتكەن ئون ئىككى ئاي ئىچىدە، كان ئاستىدىن سۇ چىقىپ كېتىش، گاز پارتلاش ۋە باشقا ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 4100 گە يېتىدىكەن. (ئەقىدە)
©
2004 Radio Free Asia