خىتاي سىچۈەن ئۆلكىسى بەيلۇ كەنتىدىكى بىر كۆمۈر كاندا شەنبە كۈنى چۈشتە گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشچىلاردىن ئاز دىگەندە ئالتىسى ئۆلگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 63 نەپەر ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلاردىن 44 ئى بىخەتەر قېچىپ قۇتۇلالىغان. ئالتىسى ئۆلگەن ۋە يەنە 13 ئىنىڭ ھازىرغا كەلگىچە ئىز دېرىكى تېپىلمىغان.
خىتايدا كۆمۈر كان ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىتاتىسكىلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ سەككەن پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىلا جەمئى 4153 ئادەم كۆمۈر كان ۋەقەسىدە قازا تاپقان. (ئارزۇ)