خېبيدىكى تۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 9 ئادەم ئۆلدى


2004.11.21

خېبېينىڭ شاخې شەھىرىدىكى بەش تۆمۈر كانغا يامرىغان ئوت ئاپىتىدە ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 9 نەپەر كان ئىشچى ئۆلدى. 57 دەك كان ئىشچىسى يەنىلا كان قۇدۇقى ئاستىدا قامىلىپ تۇرماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى كان ئاسىتىدا قامىلىپ قالغانلارنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى خېبېيدىكى بىر تۆمۈر كاندا شەنبە كۈنى ئەتىگەن يۈز بەرگەن. ئوت تېزلىك بىلەن يامراپ ئەتراپتىكى تۆت تۆمۈر كانغىمۇ تۇتۇشۇپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە 106 دەك كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 40 نەپىرى قۇتقۇزىۋېلىنغان. 9 ئىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

ۋەقەنىڭ توك سىمىنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نۆۋەتتە كان ئىگىلىرىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بانكىدىكى پۇللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن.

خىتايدىكى كانلار دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كانلار دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان ئادەم ھەر خىل كان ۋەقەلىرىدە ئۆلىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.