خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شاخې شەھىرىدىكى ئۆز ئارا تۇتاشقان بەش تۆمۈر كانغا يامرىغان ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئەتتىگەن يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 106 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاران 46 سى قۇتۇلۇپ قالغان. ھازىرغىچە 57 ئىشچىنىڭ جەسىتى بايقالغان بولۇپ، يەنە ئۈچىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق ئىكەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى بىر تۆمۈر كاندىكى توك سىمىنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتايدىكى كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆمۈر كانلاردا ھەپتىدە دىگۈدەك ۋەقە چىقىپ تۇرىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىچە كۆمۈر كاننىڭ بىخەتەرلىكى ياخشىلايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىدى. (ئارزۇ)