خىتايدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 200 دىن ئاشتى
2005.02.15
خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى سۈن جياۋەن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 203 كە يەتتى. بۇ خىتاي بويىچە يېقىنقى 63 يىل ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن كۆمۈر كان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆمۈر كان ئاستىدىكى پارتلاش دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋەقەدە 28 ئىشچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 13 كىشىنىڭ كان ئاستىدا تېخىچە قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. نۆۋەتتە 180 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى كان ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشماقتىكەن. پارتلاش ۋەقەسى 242 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قۇدۇقىدا يۈز بەرگەن. سۈن جياۋەندىكى كۆمۈر كان، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى فۇشىن كۆمۈر سانائەت شىركىتىگە قارايتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇشىن كۆمۈر كان شىركىتىدىكى دائىرىلەر قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەمدى باغلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئالاقىدار دائىرىلەرگە كان ئاستىدا قالغانلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر سانائەت دۆلىتى شۇنداقلا كۆمۈر كانلاردا ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت. 2004 - يىلى خىتاي بويىچە كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلارنىڭ سانى 5 مىڭدىن ئاشقان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لياۋنىڭدىكى كان پارتلاش ۋەقەسىدە 25 ئادەم ئۆلدى
- خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياج ئاشماقتا
- خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاينىڭ شەنشىدىكى كۆمۈر كېنىدا يەنە 3 قېتىم پارتلاش يۈز بەردى
- شەنشىدىكى كان ۋەقەسىدە 140 تىن ئارتۇق ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى
- خېبىيدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى
- خېبيدىكى تۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 9 ئادەم ئۆلدى