خىتايدا ھەر خىل سانائەت ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرمەكتە


2005.06.09

خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى يىچۈن شەھىرىدىكى بىر ھاراق زاۋۇتىدا پەيشەنبە كۈنى ئاممىياك گېزىنىڭ قېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 100 دەك كىشىنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە زاۋۇتتىكى ئاممىياك گاز تۇرۇبىسىنىڭ كونىراپ يېرىلىشىدىن كېلىپ چىققان. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاممىياك گېزىنىڭ ئاچچىق پۇرىقى ئەتىراپقا تارىلىپ، زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان 100 تىن ئارتۇق كىشىدە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە باش قېيىشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

زاۋۇت ئەتراپىدىكى 2000 دەك ئاھالىمۇ ۋەقەدىن كىيىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلغان. زەھەرلىك گازنىڭ قېچىشى يېرىم سائەتلەردىن كىيىن كونترول قىلىنغان.

بۇنىڭ ئالدىدىلا، خىتايدا بىر يۈرۈش كان پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. كۆمۈر ۋە ئالتۇن كانلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئاز دىگەندە 36 كىشى ئۆلگەن ئىدى. خىتايدا سانائەت ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنلىرىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.