خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، 2005 - يىلى خىتاي بويىچە نېفىت ۋە كۆمۈر كان ۋەقەلىرى قاتارلىق ھەر خىل قازالاردا ئۆلگەن ئادەم سانى 6000 غا يېتىپ باردى. بۇ بىر يىل ئىچىدە ھەر قېتىمقى زور كۆلەملىك قازالاردا ئۆلگەن ئادەم سانىدا شىددەتلىك كۆپىيىش يۈز بەرگەن.
خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھت كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2005 - يىلى خىتاي بويىچە جەمئىي 3341 قېتىم كۆمۈركان پارتلاش ۋەقەسى، سۇ ۋە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، جەمئىي 5986 كىشى ئۆلگەن. 2004 - يىلى يۇقۇرى ۋەقەلەردە 6027 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى جاكالانغان ئىدى. ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدا ئۆتكەن يىلى بىر ئاز ئازىيىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما 2005 - يىلى ئىچىدە زور كۆلەملىك ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۆمۈر كان قازالىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، 3586 ئادەم بۇ خىل ۋەقەلەردە ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ كۆلەمدىكى كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2004 - يىلغا قارىغاندا 60 % ئارتتى.
خىتاي دائىرىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە جىددى قارايدىغانلىقىنى كۆپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە زور كۆلەمدىكى كان ۋەقەلىرى ۋە ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىناماي كەلمەكتە. خىتاي دۆلەتلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يىجوڭ، بۇ ۋەزىيەتكە "جىددى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق" بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، خىتاي بويىچە كىچىك كۆلەمدىكى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان كۆمۈر كانلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى جاكالىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دائىرىلەر ئىلگىرى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈگەن بەزى كانلارنىڭ قايتا ئاچتى. خىتايدا ئەڭ زور كۆلەمدىكى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى كۆمۈر كانلاردا يۈز بەرمەكتە.
خىتاي بويىچە ئۆتكەن يىلى كۈمۈر كان مەھسۇلاتى 7.9% كۆپەيگەن. خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھەر بىر مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 7.2 ئادەم ئۆلۈدىكەن. (ئەركىن)