خىتاينىڭ يەنە بىر ھەربىي ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كەتتى

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئايرۇپىلانىنىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىدى. ئەمما ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى ھەققىدە بىر نېمە دېمىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنى ئېنىقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ۋەقە ھەربىي مەخپىيەتلىك ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق دوكلات تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ ۋەقە خىتايدا 2 ھەپتىنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن 2‏- قېتىملىق خىتاي ھەربىي ئايرۇپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بولۇپ، چەتئەلدە خىتايچە چىقىدىغان بوشۈن ئىنتېرنېت تورىدا بۇ ۋەقەنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن 11:30 لاردا يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە ئايرۇپىلاننى ھەيدىگەن ئۇچقۇچىنىڭ پاراشات بىلەن ئۆزىنى تاشلاپ قۇتۇلۇپ قالغانلىقى يېزىلغان. بۇ توربەتتىكى خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ۋەقە سەۋەبىدىن پەستىكى بىر كىشى ئۆلگەن ھەمدە يولدا كېتىۋاتقان بىر كىشى يوقاپ كەتكەن.

3‏-ئىيۇن كۈنى ئەنخۈيدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئايرۇپىلاندىكى 40 نەپەر ھەربىي خادىمنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە يۈز بېرىپ 30 نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئاندىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن ئىدى. بۇ خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى قانچىلىك چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بوشۈن تور بېتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن فۇ جيەننىڭ چېڭمېن شەھىرى ئەتراپىدا خىتاينىڭ بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى بار ئىكەن. شۇنداقلا بۇ ئەتراپتا ئولتۇرىدىغان دېھقانلار بۇ جايدا دائىم يۇقىرى ئاۋازلىق ئايرۇپىلانلارنىڭ ئۇچۇپ يۈرۈيدىغانلىقىدىن زارلانغان. (پەرىدە)