جېجاڭدا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كېتىپ 17 ئادەم ئۆلدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر تارقىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى سەھەردە جېجاڭنىڭ تەيجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوت كەتكەن بۇ بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە دۇكان ئىككىنچى قەۋىتى بولسا ياللانما ئىشچىلارنىڭ ياتىقى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئىشچىلارنىڭ 13 ئېغىز ياتىقى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن.

17نەپەر ئۆلگۈچىنىڭ ھەممىسى خىتاي ياللانما ئىشچىلار بولۇپ يەنە بىر قانچە ئىشچى ئوتتا ئېغىر كۆيۈپ يارىلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ئوت كېتىش سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان. خىتايدا يىلىغا يۈز مىليون دېھقان شەھەرلەرگە ئىش ئىزلەپ ياللانما ئىشچى بولۇپ كېلىدىكەن. (گۈلچېھرە)